كۇلېبا: ئەردوغان ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2022931
كۇلېبا: ئەردوغان ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلېبا ئىتالىيەنىڭ «كورىئېررې دېللا سېرا» گېزىتىنىڭ قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى توغرىسىدىكى «ئەردوغان ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ قايتىدىن كۈچكە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالارمۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «شۇنداق، مېنىڭچە ئۇ (جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان) بۇنى قىلالايدۇ. بىز تۈركىيە دىپلوماتلىرىنىڭ رۇسلار بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. بۇ جەرياندا، بىز قارادېڭىزدىن ئۆتمەي تۇرۇپ ئاشلىق ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشنىڭ يوللىرىنى بەرپا قىلىۋاتىمىز» دېدى.

2022- يىلى 24 - فېۋرال باشلانغان رۇسىيە- ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ دۇنيا ئاشلىق باھاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئۇكرائىنا 2022 – يىلى 22 – ئىيۇل ئىستانبۇلدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىگە ئىمزا قويغانىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىرىي پېسكوۋ مۇددىتى توشقان كېلىشىم توغرىسىدا 17 - ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ: «ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى رەسمىي ئاخىرلاشتى، يەنى توختىتىلدى. رۇسىيە مۇناسىۋەتلىك شەرتلەر ئورۇنلانغان ھامان دەرھال ئاشلىق كېلىشىمىگە قايتىپ كېلىدۇ. كېلىشىمنىڭ رۇسىيەگە مۇناسىۋەتلىك قىسمى ئورۇنلانمىدى» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر