كىم جوڭئۇن ئارمىيەگە ئۇرۇش پىلانلىرىنى جەزملەشتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرۇشىدىن كېيىن، ئارمىيەگە ئۇرۇش پىلانىنى جەزملەشتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.

2022909
كىم جوڭئۇن ئارمىيەگە ئۇرۇش پىلانلىرىنى جەزملەشتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىم جوڭئۇن باشچىلىقىدىكى كورېيە ئىشچىلار پارتىيەسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى يىغىنىدا ئارمىيەنىڭ جەڭ تەييارلىقى ۋە دۈشمەنلەرگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

كىم جوڭئۇن چېگرادا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلەر سانىنى كۆپەيتىش، ھەقىقىي جەڭ مانېۋىرى ئېلىپ بېرىش، يېڭى ئىستراتېگىيەلەر ۋە قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى يىغىندىن كېيىن، ئارمىيەگە ئۇرۇش پىلانىنى جەزملەشتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى ۋە «مۇھىم ھەربىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش» توغرىسىدا قارارنامەنى ئىمزالىدى.

ئارمىيەنىڭ يادرو تەھدىت كۈچىنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك ھۇجۇم خاراكتېرلىك قوراللارغا ئېرىشىشى ۋە بۇ قوراللارنى دەرھال مۇناسىۋەتلىك جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن كىم جوڭئۇن، ئالاقىدار ئورۇنلارنى ھەر خىل قورال ۋە سىستېمىلارنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىشقا بۇيرۇغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، شىمالىي كورېيە مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى، كىم جوڭئۇننىڭ كورېيە يېرىم ئارىلى خەرىتىسىدىكى جەنۇبىي كورېيە نوپۇسىنىڭ يېرىمى ئولتۇراقلاشقان، ئارمىيە باش ئىشتابى جايلاشقان پايتەخت سېئۇل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بەزى نۇقتىلارغا ئىشارەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنىمۇ تارقاتقان.

كىم جوڭئۇن يىغىندا يەنە، ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى پاك سۇ ئىلنىڭ ئورنىغا رى يوڭ گىلنى باش ئىشتاب باشلىقى قىلىپ تەيىنلىگەن.

ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقلىقى ۋەزىپىسى بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان پاكنىڭ بۇ ۋەزىپىسىنىڭ داۋاملىشىدىغان ياكى داۋاملاشمايدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر