ئەنگلىيە - تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى

ئەنگلىيە ياۋروپاغا قانۇنسىز كۆچۈشنى ئاستىلىتىش توغرىسىدا تۈركىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى.

2022328
ئەنگلىيە - تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن، تۈركىيە ۋە ئەنگلىيە ساقچى قىسىملىرى ئادەم ئەتكەسچىلىكى شايكىلىرى ۋە كېمە سودىسىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ.

كېلەر يىلى (2024) ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلامدىن ئىلگىرى قانۇنسىز كۆچمەنلەر كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ كېلىشىمنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ساقچى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى  تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يېڭى كېلىشىم لايىھەسى سايىسىدا تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىغا تېخىمۇ تېز ئېرىشەلەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى سۇئېللا براۋېرمان بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «يېقىن دوستىمىز ۋە ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز ساقچى قىسىملىرىمىزنىڭ بۇ خەلقئارالىق مەسىلىدە تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.»

 ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا زور پەرق بىلەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئىشچىلار پارتىيەسى بىلەن بولغان پەرقنى ئازايتىش ئۈچۈن، چېگرادىن كىرىۋاتقان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ سانىنى ئازايتىشقا ۋەدە بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر