پاكىستان سايلام كومىتېتى ئىمران خانغا سىياسەتتىن چەكلەش جازاسى بەردى

پاكىستان سايلام كومىتېتى چىرىكلىك جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان سابىق باش مىنىستىر ئىمران خانغا بەش يىل بويىچە سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن چەكلەش جازاسى بەردى.

2022101
پاكىستان سايلام كومىتېتى ئىمران خانغا سىياسەتتىن چەكلەش جازاسى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان سايلام كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىمران خاننى چىرىكلىك جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى ۋە كومىتېتنىڭ ئالاقىدار قانۇنلارنىڭ روھىغا ئاساسەن، خاننى بەش يىل بويىچە سىياسەتتىن چەكلەشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىسلامئاباد يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئىمران خاننى باش مىنىستىرلىقى مەزگىلىدە ئالغان 490 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى سوۋغاتلارنى سېتىش ۋە ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانىدى.

پاكىستان ساقچىلىرى 5- ئاۋغۇست سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئىمران خاننى لاھوردىكى ئۆيىدە قولغا ئالغانىدى.

2022- يىلى 4- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستان پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچنى ئايدىڭلاشتۇرۇش بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە 170 پارلامېنت ئەزاسى رەت قىلىپ بېلەت تاشلىغان، ئىشەنچكە ئېرىشەلمىگەن ئىمران خان ھۆكۈمىتى تارقىلىپ كەتكەنىدى.

پاكىستاندا ئۈچ قېتىم باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ناۋاز شەرىفنىڭ ئىنىسى شاھباز شەرىف، 2022- يىلى 11-ئاپرېلدىكى بېلەت تاشلاشتا 174 بېلەتكە ئېرىشىپ، باش مىنىستىرلىققا سايلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر