مالى بىلەن بۇركىنا فاسو ب د ت دىن ياردەم تەلەپ قىلدى

مالى بىلەن بۇركىنا فاسو ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ نىگېرغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوزغاش ئېھتىمالىغا نىسبەتەن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

2022262
مالى بىلەن بۇركىنا فاسو ب د ت دىن ياردەم تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالى بىلەن بۇركىنا فاسو ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ نىگېرغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوزغاش ئېھتىمالىغا نىسبەتەن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

مالى ۋە  بۇركىنا فاسوتاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ نىگېردىكى ھەربىي ئۆزگىرىشنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قوزغاش ئېھتىمالى بولغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر