غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى نىگېرغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى (ECOWAS) نىگېردا 26-ئىيۇل (2023) ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ھەربىي ھۆكۈمەتكە چېتىشلىق كىشىلەرگە قارشى ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

2022170
غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى نىگېرغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە پىرېزىدېنتى ۋە غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى بولا ئەھمەت تىنۇبۇنىڭ ئاخبارات مەسلىھەتچىسى ئاجۇرى نگېلالە نىگېردىكى ھەربىي ئۆزگىرىشكە مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ پىرېزىدېنت تىنۇبۇنىڭ نىگېرىيە مەركىزىي بانكاسى(CBN)  نى نىگېردىكى ھەربىي ھۆكۈمەتنى قوللىغان كىشىلەرگە قارشى ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما، ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى ئېلان قىلمىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«نىگېردىكى ھەربىي ھۆكۈمەتكە بېرىلگەن يەتتە كۈنلۈك ئۇلتىماتۇم، پىرېزىدېنت تىنۇبۇنىڭ ئۆزئالدىغا چىقارغان قارارى ئەمەس، بەلكى غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ قارارى.»

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى نىگېردا 26-ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغالغاندىن كېيىن، 30-ئىيۇل ھەربىي ھۆكۈمەتكە پىرېزىدېنت مۇھەممەد بازۇمنى قويۇپ بېرىش ۋە ۋەزىپىسىنى نورمال باشلىشى ئۈچۈن يەتتە كۈنلۈك مۆھلەت بەرگەن ئىدى. غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىنىڭ نىگېر ھەربىي ھۆكۈمىتىگە بەرگەن مۆھلىتى 6-ئاۋغۇست يېرىم كېچىدىن باشلاپ توشقان ئىدى.

تەلەپلەر ئورۇنلانمىغان ئەھۋالدا ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى، كۈتۈلگىنىدەك ھەربىي ھەرىكەت باشلىمىدى.

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى 10-ئاۋغۇستتا نىگېرىيە پايتەختى ئابۇجادا بىر يەرگە جەم بولدى.

نىگېر پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بازۇم 26-ئىيۇل پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ مۇھاپىزەت باتالىيونى تەرىپىدىن تۇتۇلدى. شۇ كۈنى ئاخشىمى ئارمىيە ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى.

پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى مۇھاپىزەت باتالىيونىنىڭ قوماندانى گېنېرال ئابدۇرراھمانې ئومار تاچىيانى 28-ئىيۇل (2023) «ۋەتەننى قوغداش مىللىي كېڭىشى» ناملىق ھەربىي گۇرۇھ ۋە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىرېزىدېنت مۇھەممەد بازۇم 26-ئىيۇلدىن تارتىپ شەخسىي تۇرالغۇسىدا نازارەت ئاستىدا تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر