بۇركىنا فاسو فىرانسىيە بىلەن باج كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

بۇركىنا فاسو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فىرانسىيە بىلەن تۈزۈلگەن قوش باج ئېلىنىشتىن ساقلىنىش كېلىشىمى» نىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2022446
بۇركىنا فاسو فىرانسىيە بىلەن  باج كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنا فاسو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئەۋەتىلگەن مەكتۇبىدا، فىرانسىيە شىركەتلىرى ۋە پۇقرالىرى ئۈچۈن چىقىرىلغان «قوش باج ئېلىنىشتىن ساقلىنىش كېلىشىمى» نىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مەكتۇپتا، كېلىشىمنى بىكار قىلىش ئىشلىرىنىڭ ئۈچ ئاي ئىچىدە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«قوش باج ئېلىنىشتىن ساقلىنىش كېلىشىمى» فىرانسىيە بىلەن بۇركىنا فاسو ئوتتۇرىسىدا 1965-يىلى ئىمزالانغان بولۇپ، 1967، 1971 ۋە 1974-يىللىرى كېلىشىمگە ھەر خىل ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

كېلىشىم رامكىسىدا، فىرانسىيە شىركەتلىرى ۋە پۇقرالىرى بۇركىنا فاسودا قولغا كەلتۈرگەن كىرىمىنىڭ بېجىنى بۇركىنا فاسوغا تۆلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇركىنا فاسودا نۇرغۇن باجلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

مەزكۇر كېلىشىم، بولۇپمۇ بۇركىنا فاسودا سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان فىرانسىيەنىڭ خەلقئارالىق شىركەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىق ئىدى. كېلىشىمنىڭ بىكار قىلىنىشى بىلەن، فىرانسىيەلىكلەر بۇركىنا فاسودا قولغا كەلتۈرگەن كىرىمىنىڭ بېجىنى بۇ دۆلەتكە تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ.

بۇركىنا فاسو 2020- ۋە 2021-يىللىرى كېلىشىمنى قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما فىرانسىيە بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگەن ئىدى.

بۇركىنا فاسونىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كېلىشىم سەۋەبىدىن نۇرغۇن مىقداردا كىرىم قىلىشتىن مەھرۇم قالغانلىقى، كېلىشىمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بىلەن مۇھىم باج كىرىمىگە ئېرىشىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

فىرانسىيە بىر قانچە كۈن ئىلگىرى نىگېردىكى ھەربىي ئۆزگىرىشنى قوللىغان بۇركىنا فاسوغا بېرىدىغان تەرەققىيات ۋە مالىيە ياردەملىرىنى توڭلاتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر