ئامېرىكا - تەيۋەن سودا كېلىشىمى قانۇنلاشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن تەيۋەن بىلەن بولغان سودا كېلىشىمىنى ئىمزالاپ قانۇنلاشتۇردى.

2021630
ئامېرىكا - تەيۋەن سودا كېلىشىمى قانۇنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، پىرېزىدېنت بايدىن «21-ئەسىر سودا ساھەسىسدە ئامېرىكا-تەيۋەن تەشەببۇسى» سۆھبىتىگە ئاساسەن تۇنجى سودا قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ تەيۋەن بىلەن  ئاساسىي قانۇن جەھەتتىن بىرقاتار ئەندىشىلەرگە سەۋەب بولغان بىر قىسىم قوشۇمچە سودا كېلىشىملىرىنى كېڭىشىش تەلەپلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى «21-ئەسىر سودا ساھەسىسدە ئامېرىكا-تەيۋەن تەشەببۇسى» سۆھبىتى دائىرىسىدە، تاموژنا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە سودىنى قۇلايلاشتۇرۇش، قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى، چىرىكلىككە قارشى كۈرەش، كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلار قاتارلىق مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانىدى.

بۇ كېلىشىم ئارقىلىق ئامېرىكا كارخانىلىرىغا تەيۋەن ۋە تەيۋەنلىك خېرىدارلارنى تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلىدىغانلىقى، بولۇپمۇ كىچىك ۋا ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلارغا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بازارلىرىدا مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادىي پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

كېلىشىمنىڭ ئىشچىلار ۋە كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەڭ دائىرىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن، سودا شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى سودىنى ياخشىلايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر