رۇسىيەدە ئورمان ئوت ئاپەتلىرىگە قارشى كۈرەش داۋاملاشماقتا
رۇسىيەنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ئومۇمىي يەر كۆلىمى 230 مىڭ گېكتارغا يېتىدىغان ساھەلەردىكى 278 جايدا يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپەتلىرىگە قارشى كۈرەش داۋاملاشماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ھەپتە بۇ دۆلەتتە يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپەتلىرى ئالدىنقى ھەپتىكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئازايغان.
ئوخشىمىغان 14 رايوندىكى 278 جايدا ئورمان ئوت ئاپەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئوت ئاپىتى 230 مىڭ گېكتارلىق ساھەنى قاپلاپ كەتكەن.
ئورمان ئوت ئاپەتلىرىدىن كېيىن ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا ئىكەن.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئورمان ئوت ئاپەتلىرىدە ئەڭ كۆپ ياقۇتىستان رايونى تالاپەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، كۆيۈپ كەتكەن يەر كۆلىمى 125 مىڭ گېكتار كېلىدىكەن، ھەمدە 98 جايدا يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپەتلىرىگە قارشى كۈرەش داۋاملاشماقتا ئىكەن.
دۇنيادىكى ئورمانلىقلارنىڭ تەخمىنەن% 20 ىنى ئىگىلەيدىغان رۇسىيەدە ھەر يىلى يەر كۆلىمى نەچچە مىڭ گېكتار كېلىدىغان ساھەلەردە يۈز بەرگەن ئورمان ئوت ئاپەتلىرىگە قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.