خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۆزئارا دىيالوگلارنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىش ئۈچۈن دىيالوگلارنى كۈچەيتىشكە چاقىردى.

2021077
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۆزئارا دىيالوگلارنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

ۋاڭ يى تېلېفون سۆھبىتىدە، خىتاي بىلەن ياۋروپانىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىش ئۈچۈن دىيالوگلارنى كۈچەيتىشكە چاقىردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل خىتاي بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ساقلاپ قېلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يەرشارى دەرۋازىسى ئىستراتېگىيەسى بىلەن خىتاينىڭ بىر بەلباغ بىر يول پىلانىنىڭ رەقىب ئەمەسلىكىنى، ئەمما بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، يەر شارى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئىككى قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن خىتاي زىيارىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بۇ يىل (2023) ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي-ياۋروپا رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن تەرەپلەر ئارا ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگنى بالدۇرراق باشلاشنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

جوسېپ بوررېل ئاپرېل ئېيى (2023) دا پىلان قىلىنغان خىتاي زىيارىتىنى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلەن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېچىكتۈرگەن ئىدى. ئىيۇلنىڭ  بېشىدا پىلانلىغان زىيارىتى بولسا، خىتاي تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى. بۇ زىيارەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر