گرۇزىيەنىڭ تەتىل يېزىسىدىكى تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 17 كىشى قازا قىلدى
گرۇزىيەنىڭ راچا-لېچخۇمى ۋە كۋېمو سۋانېتى رايونىدىكى تەتىل يېزىسى شوۋىدە يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 17 گە يەتتى.
2020731
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: گرۇزىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، شوۋىدىكى تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدىن كېيىن، رايوندا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا تەخمىنەن 400 كىشىلىك ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ساقچى ۋە ئارمىيە ئەزالىرىنىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن ھاۋادىن تىك ئۇچارلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا ھازىرغا قەدەر 17 كىشىنىڭ جانسىز جەسىتىنى تاپقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ئارىسىدا كىچىك بالىلارمۇ بولغان يوقاپ كەتكەن 19 كىشىدىن تېخىچە خەۋەر يوقلۇقى بىلدۈرۈلدى. شوۋىدىكى خىزمەتلەرنى نەق مەيداندىن كۆزىتىۋاتقان گرۇزىيە باش مىنىستىرى ئىراكلى گارىباشۋىلى قازا قىلغانلار ئۈچۈن 7-ئاۋغۇستنى«دۆلەتلىك ماتەم كۈنى» ئېلان قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى .