باڭلادېشتىكى كېمە ۋەقەسىدە 7 كىشى قازا قىلىپ، 5 كىشى يوقاپ كەتتى
باڭلادېشنىڭ مۇنشىگانج رايونىدا يۈز بەرگەن كېمە ۋەقەسىدە 7 كىشى قازا قىلىپ، 5 كىشى يوقاپ كەتتى.
2020724
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: «كۈندىلىك چولپان گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇنشىگانجدىكى پادما دەرياسىدا 46 كىشىنى ئېلىپ ماڭغان كېمە يەنە بىر كېمە بىلەن سوقۇلۇپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن.
دائىرىلەر دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا ئاساسلانغاندا، كېمىدىكى 34 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى، قالغان 7 نەپىرىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 5 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.