ئامېرىكا خىتاينى سەزگۈر ھەربىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن ئىككى ئوفېتسىرنى نازارەت ئاستىغا ئالدى

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئوفىتسېرى خىتاينى «سەزگۈر ھەربىي ئىستىخبارات بىلەن تەمىنلەش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

2020272
ئامېرىكا خىتاينى سەزگۈر ھەربىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن ئىككى ئوفېتسىرنى نازارەت ئاستىغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىدە ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىككى ماتروسنىڭ «جاسۇسلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەيىبنامىگە قارىغاندا، ئامېرىكانىڭ USS Essex ناملىق ئاۋىياماتكىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 22 ياشلىق جىنچاۋ ۋېي ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئۇچۇرلىرىنى خىتاي ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك) خادىملىرىغا ئەۋەتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، جىچاۋ ۋېي 2022- يىلى 2- ئايدا خىتاي ئەمەلدارى بىلەن ئالاقىلەشكەن ۋە تەلەپكە بىنائەن، ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئاۋىياماتكىنىڭ سۈرەت ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرىنى يوللىغان.

بۇنىڭدىن باشقا، 26 ياشلىق ۋېنخېڭ جاۋ ئىسىملىك بىر ماتروس خىتايدىن كەلگەن بىر ئىستىخبارات خادىمىنى 2021-يىلى 8- ئايدىن 2023- يىلى 5- ئايغىچە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سەزگۈر ھەربىي ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش بەدىلىگە پارا ئېلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ۋېنخېڭ جاۋنىڭ خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىغا يوللىغان ئۇچۇرلىرىنىڭ ھىندى- تىنچ ئوكياندىكى ئامېرىكا ھەربىي مانېۋىرلىرىنىڭ مەشغۇلات پىلانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت بىخەتەرلىك باشقارمىسى مۇئاۋىن باش تەپتىشى ماتېۋ گ. ئولسېن، بۇ ئىككى ماتروسنىڭ «ئامېرىكانى قوغداش ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ۋە دۆلەتنىڭ ئىشەنچىسىگە خىيانەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلىقى»نى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر