رۇسىيە رۇمېنىيەگە ئۇلتىماتوم تاپشۇردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە ئوخشاش يول تۇتۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، رۇمىنىيەنىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسىغا «دىپلوماتىك خادىم سانى نورمىسى» ئۇلتىماتومى تاپشۇردى.

2020106
رۇسىيە رۇمېنىيەگە ئۇلتىماتوم تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇمىنىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى دىپلوماتلىرىدىن كونستانتىن ئىئونىتانىڭ مىنىستىرلىق بىناسىغا چاقىرتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىئونىتاغا رۇمىنىيەنىڭ رۇسىيەدىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىدا ئىشلەيدىغان دىپلومات ۋە خىزمەتچىلىرى سانىغا نورما قويۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇلتىماتومنىڭ تاپشۇرۇلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «بۇ تەدبىر رۇسىيەنىڭ بۇخارېستتىكى ئەلچىخانىسى ۋە كۆستەنجە كونسۇلخانىسىغا قويۇلغان نورملارغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە ئوخشاش يول تۇتۇش  پىرىنسىپىغا ئاساسەن يولغا قويۇلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر