ئامېرىكا كونگرەسىگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى يالغان ئۇچۇر جىددىيچىلىك پەيدا قىلدى

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى كونگرە (دۆلەت مەجلىسى) ساقچىلىرى كونگرەنىڭ قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ھوشيارلىقنى ئۆستۈردى.

2019569
ئامېرىكا كونگرەسىگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى يالغان ئۇچۇر جىددىيچىلىك پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قوراللىق ھۇجۇمچى بارلىقى توغرىسىدىكى مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىدىن كېيىن، كونگرە (دۆلەت مەجلىسى) بىناسىغا تۇتىشىدىغان يوللار تاقالدى. كونگرە ساقچىلىرى پالاتا ئىشخانا بىنالىرىنىڭ كىرىش – چىقىشلىرىنى ئاختۇردى. رايوننىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسى ۋە ساقچىلارنىڭ سانى ئاشۇرۇلدى. كېڭەش پالاتاسى ئىشخانىسى جايلاشقان بىنا تارقاقلاشتۇرۇلدى.

كونگرە ساقچىلىرى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ھېچقانداق قوراللىق ھۇجۇمچى ياكى يارىلانغۇچى بايقالمىغانلىقىنى، مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر