لىۋاندا پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 12 گە يەتتى

لىۋاندىكى ئەڭ چوڭ پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلار لاگېرى ئاين ئەل خالۋادا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆزئارا ئۇرۇشى توختىتىلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن گۇرۇپپىلار ئارا توقۇنۇشتا، يەنە بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2019722
لىۋاندا پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 12 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى <NNA> نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇساپىرلار لاگېردىكى توقۇنۇش نەتىجىسىدە، فەتىخ ھەرىكىتى ئەزاسى بىر كىشى قازا قىلىپ، ئىككى كىشى يارىلانغان.

شەنبە كۈنى (29-ئىيۇل) كەچتىن بۇيان پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 12 گە يېتىپ، يارىلانغانلارنىڭ سانى 60 دىن ئېشىپ كەتتى.

لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى سەيدا شەھىرىگە جايلاشقان 60 مىڭ كىشىلىك پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلار لاگېرىدا، ئېغىر قوراللار ۋە مىناميوتلار بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئىدى.

لىۋان تەرەپنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن 31- ئىيۇلدا لاگېردىكى پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ توختىتىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر