خىتاي ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە ياردەم بېرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە 345 مىليون دوللارلىق ھەربىي ياردەم بېرىشىگە «قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى»نى جاكارلىدى.

2019310
خىتاي ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە ياردەم بېرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ يەرشارى تېلېۋىزىيەسى تورى، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تەن كېفېي تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ «ئىچكى ئىشى» ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇ مەسىلىنىڭ ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى «ئۆتۈشكە بولمايدىغان قىزىل سىزىق» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ تەيۋەندىكى «بۆلگۈنچى كۈچلەر ۋە ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرى»نى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن تەن كېفىي، دۆلىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى قوللىشىغا «قەتئىي» قارشى تۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «تارىخنىڭ چارقى خىتاينىڭ قايتىدىن بىرلىشىشىگە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ، ھېچقانداق شەخس ياكى كۈچ ئۇنى توسۇپ قالالمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 29- ئىيۇل پىرېزىدېنتلىق قارارنامەسى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۆز قورال-ياراغ زاپىسىدىن تەيۋەنگە مۇداپىئە ماتېرىياللىرى، ھەربىي تەلىم – تەربىيە ۋە مەشىقلەر بولۇپ، 345 مىليون دوللار قىممىتىدە ھەربىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر