دونالد ترامپ: «ھەر قانداق ۋاقىتتا ئەيىبلىنىشكە ئۇچرىشىم مۇمكىن»

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2020-يىلدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلام نەتىجىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەققىدە ئۆزىنىڭ «ھەر قانداق ۋاقىتتا» ئەيىبلىنىشكە ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى ئيېتتى.

2018829
دونالد ترامپ: «ھەر قانداق ۋاقىتتا ئەيىبلىنىشكە ئۇچرىشىم مۇمكىن»

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ خۇسۇسىي ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى «TruthSocial» دىكى يازمىسىدا: «تەڭپۇڭسىز (پارلامېنتقا بېسىپ كىرىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشىكە ئالاھىدە تەيىنلەنگەن سابىق باش مۇپەتتىش) جەك سىمىس ۋە ئۇنىڭ سىياسىي كۆرۈنۈشلۈك قاراقچىلار شايكىسى، مېنىڭ تىنچ ۋە ۋەتەنپەرۋەر شەكىلدە سۆزلىگەن نۇتۇقۇم ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاقىتتا مېنى ئەيىبلىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتىمەن» دېدى.

«(ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو) بايدىن لاگېرى» نىڭ پارىخورلۇقى ۋە نامۇۋاپىق پۇل تۆلەشلىرى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ترامپ، بۇنىڭغا قارىتا، «سايلامغا ئارىلىشىۋېلىش ۋە مۇپەتتىشلەرنىڭ ھوقۇقىنى سۈيئىستېمال قىلىشى» دەپ باھا بەردى.

ئامېرىكادا ئوڭچىل گۇرۇپپىلار ۋە دونالد ترامپنىڭ قوللىغۇچىلىرى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى سايلامنىڭ نەتىجىسىنى راي سىناشقا قويغان كونگرە بىناسىغا 2021-يىلى 6-يانۋاردا بېسىپ كىرگەن ئىدى.

بېسىپ كىرىش جەريانىدا بىر ساقچىنى قوشقاندا، جەمئىي بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

بېسىپ كىرىش ۋەقەسى تۈپەيلى خەلقنى توپىلاڭغا قۇتراتقۇلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ  ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھەققىدە سوتقا تارتىلغان ترامپ، 2021-يىلى فېۋرالدا كېڭەش پالاتاسىدىكى بېلەت تاشلاشتا گۇناھسىز، دەپ ئاقلانغان ئىدى.

ئاۋام پالاتاسىدىكى دېموكراتچىلار جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، بىر كومىتېت قۇرغان ۋە ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان ئىدى.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ئىشقا قارىتا ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر