ياۋروپا خىتاينى ئاگاھلاندۇردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن: «خىتاينىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي دېڭىز بىلەن تەيۋەن بوغۇزىدا ھەربىي كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يەرشارى خاراكتېرلىك تەسىرى بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

2018343
ياۋروپا خىتاينى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن فىلىپپىن زىيارىتى دائىرىسىدە،  فىلىپپىن سودا مۇنبىرىدە سۆز قىلدى.

ئۇ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن فىلىپپىن بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ: «خىتاينىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي دېڭىز بىلەن تەيۋەن بوغۇزىدا ھەربىي كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكىتى، فىلىپپىن ۋە رايوندىكى باشقا شېرىك دۆلەتلەرگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېدى.

ئۇ «بۇ ھەربىي كۈچ كۆرسىتىشلەرنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئەكس تەسىرى بولىدىغانلىقى » ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«دۇنيادا ئىقتىسادىي تېز ئېشىش كۆرۈلۈۋاتقان رايون بولغان ئاسىيادا رايون مۇقىملىقىنىڭ ئاجىزلىشىشى، يەر شارى بىخەتەرلىكىگە، ئەركىن سودىنىڭ راۋان بولۇشىغا ۋە رايوندىكى مەنپەئەتلىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.»

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى مەۋج ۇتلۇقىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئەركىن ۋە ئوچۇق بولغان ھىندى-تىنچ ئوكياننى ئىلھاملاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرى» نى بىلدۈردى.

ئۇ: «فىلىپپىنلەر بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم سودا ھەمدە سېلىنمىلار مەسىلىسىدە شېرىكچىلىكنى ئىلگىرىلىتىش ئۈچۈن چوڭ پۇرسەتلەرگە ئىگە. سىنگاپور ۋە ۋىيېتنام بىلەن بولغان سودا كېلىشىملىرى مېۋە بېرىشكە باشلىدى. بىز شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەنمۇ ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشنى خالايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر