پاكىستاندا ئىسلام ئۆلىمالىرى جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلتىيى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنيا ئىشتاتىدا بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ شېرىكلىرىدىن بىرى بولغان ئىسلام ئۆلىمالىرى جەمئىيىتى (JUI-F) نىڭ قۇرۇلتايىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان بومبا ھۇجۇمىدا، 42 كىشى قازا قىلىپ، 200 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.

2017943
پاكىستاندا ئىسلام ئۆلىمالىرى جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلتىيى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: پاكىستان مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىسلام ئۆلىمالىرى جەمئىيىتى (JUI-F) نىڭ ئەزالىرى خەيبەر پاختۇنيانىڭ باجاۋۇر رايونىدا چەقىرغان قۇرۇلتايغا بومبا ھۇجۇمى قىلىنغان.

دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈلگەن بىنانىڭ ئىچىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 42 كىشى قاراز قىلىپ، 200 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.

پاكىستاندا، بولۇپمۇ خەيبەر پاختۇنيا ۋە بېلۇچىستان ئۆلكىلىرىدە يېقىنقى ئايلاردا تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كۆپەيگەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

ئىسلامئاباد دائىرىلىرى بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئافغانىستاننى بازا قىلغان پاكىستان تالىبانلىرى (TTP) تەرىپىدىن پىلانلانغان ۋە يېتەكلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئافغانىستان دائىرلىرى بولسا، بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر