ھىندىستاندا بىر ئائىلىنىڭ يانفون سېتىۋېلىش ئۈچۈن بالىسىنى ساتقانلىقى ئاشكارىلاندى

ھىندىستاننىڭ غەربىي بېنگال ئۆلكىسىدىكى بىر ئائىلىنىڭ يانفون سېتىۋېلىش ئۈچۈن، سەككىز ئايلىق بولغان بالىسىنى سېتىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

2017440
ھىندىستاندا بىر ئائىلىنىڭ يانفون سېتىۋېلىش ئۈچۈن بالىسىنى ساتقانلىقى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Inquirer News» خەۋەرلەر قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي 24 پەرغاناس رايونىدىكى كەمبەغەل بىر ئائىلىنىڭ غەربىي بېنگالنىڭ قىسمەن جايلىرىنى سەيلە قىلىشى ۋە يېڭى مودېل بىر يانفون سېتىۋېلىشى قوشنىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

قوشنىلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن مەزكۇر ئائىلە ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ سەككىز ئايلىق بولغان بوۋىقىنى ساتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

ساقچىلار بوۋاقنىڭ ئانىسى بىلەن بالىنى سېتىۋالغان ئايالنى قولغا ئالغان.

ئارقىدىن بوۋاقنىڭ دادىسىمۇ قولغا ئېلىنغان؛ خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئائىلە يانفون سېتىۋېلىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئۈچۈن سىن كۆرۈنۈشلىرىنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن، بوۋىقىنى ساتقان.

يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ئائىلىنىڭ يەتتە ياشلىق قىزىنىمۇ سېتىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر