ئەلى يەرلىكايا: يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە 119 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە 119 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2016553
ئەلى يەرلىكايا: يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە 119 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئەلى يەرلىكايا بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىش پىروگراممىسىدا كۈن تەرتىپىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتلاردا بولدى ۋە سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئەلى يەرلىكايا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە بىرتەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىمغا 2 ئاي بولدى. بۇ مەزگىلدە بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى 478 شەھەر ھەرىكىتى ئېلىپ باردۇق. بۇ ھەرىكەتلەردە 740 كىشى نازارەتكە ئېلىندى. ئۇلارنىڭ 182 نەپىرى (مەھكىمە قارارى بىلەن) قولغا ئېلىندى. 88 ى ھەققىدە ئەدلىيە كونترول قىلىش قارارى چىقىرىلدى. ئوخشاش مەزگىلدە يېزىلاردا ئېلىپ بېرىلغان10 ى چوڭ ۋە  83 ى ئوتتۇرا  بولۇپ، جەمئىي 24 مىڭ107 ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى. ھەرىكەتتە 119 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى» دېدى.  

ئەلى يەرلىكايا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىسىتىخباراتتىن باشقا يەنە نازارەت قىلىش ئىقتىدارى سايىسىدا تېررورچىلارنى ھەرىكەت قىلالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر