شويگۇ بىلەن كىم جوڭئۇن خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن پىيوڭياڭدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

2016883
شويگۇ بىلەن كىم جوڭئۇن خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقدا بىلدۈرۈلىشىچە، كىم جوڭئۇن بىلەن سېرگېي شويگۇ كۆرۈشۈشىدە، دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارالىق رامكىدا خەۋپسىزلىك ھەمدە ھەربىي ساھەدىكى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

كىم جوڭئۇن بىلەن سېرگېي شويگۇ شىمالىي كورېيەنىڭ يېڭى ئەۋلاد قورال-ياراغلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى قويۇلغان كۆرگەزمە زالىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

كىم جوڭئۇن «دۆلەت خەۋپسىزلىك تەرەققىيات پىلانى رامكىسىدا تەرەققىي قىلدۇرغان» قورال-ياراغلار توغرىسىدا سېرگېي شويگۇغا مەلۇمات بېرىپ، دۇنيا مىقياسىدا قورال-ياراغ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىرى ئۈستىدە توختالدى.

كۆرۈشۈشتە، كىم جوڭئۇن بىلەن سېرگېي شويگۇ «دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە خەۋپسىزلىكىدىن باشقا، رايونلۇق ھەمدە خەلقئارالىق خەۋپسىزلىككە مۇناسىۋەتلىك ئورتاق مەسىلىلەردە» پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

سېرگېي شويگۇنىڭ كىم جوڭئۇنغا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنىڭ مەكتۇبىنى يەتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر