نورۋېگىيەدىكى 12 مىنىستىرلىق تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، 12 مىنىستىرلىقنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2015703
نورۋېگىيەدىكى 12 مىنىستىرلىق تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان 12 مىنىستىرلىقنىڭ يولغا قويۇلغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن ئېلېكترونلۇق خەت ئادرېسلىرى ياكى باشقا كۆچمە مۇلازىمەتلىرىگە ئېرىشىشنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە رايونلۇق تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى سىگبجورن گېلسۋىك تور ھۇجۇمىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك ۋە مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى ئېيتتى.

نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك ۋە مۇلازىمەت بۆلۈمى رەئىسى ئېرىك ھوپ، «ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدىكىلەر ۋە ئۇنىڭ دائىرىسى ھەققىدە سۆزلەشكە بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقى» نى قەيت قىلدى.

نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر