مېكسىكادا تاشلاپ قويۇلغان يۈك ئاپتوموبىلىدىن 148 نەپەر قانۇنسىز كۆچمەن تېپىلدى

مېكسىكا دۆلەتلىك كۆچمەنلىك ئىنستىتۇتى (INM) مېكسىكانىڭ ۋېراكرۇز ئىشتاتىدا تاشلاپ قويۇلغان يۈك ئاپتوموبىلىدىن 148 نەپەر قانۇنسىز كۆچمەننىڭ تېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2014785
مېكسىكادا تاشلاپ قويۇلغان يۈك ئاپتوموبىلىدىن 148 نەپەر قانۇنسىز كۆچمەن تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  <CNN> تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مېكسىكانىڭ ۋېراكرۇز ئىشتاتىدا شۇنچە ئىسسىقتا تاشيول بويىغا تاشلاپ قويۇلغان بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ كونتېنېرىدىن 23 ھەمراھسىز كىچىك بالا، 10 قۇرامىغا يەتكەن كىشى ۋە 44 ئائىلىدىن 115 كىشى بولۇپ، جەمئىي 148 قانۇنسىز كۆچمەن تېپىلغان.

مېكسىكا دۆلەتلىك كۆچمەنلىك ئىنستىتۇتى (INM) بۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ گوندۇراس، گۋاتېمالا ۋە سالۋادوردىن كەلگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مېكسىكا دۆلەتلىك كۆچمەنلىك ئىنستىتۇتى (INM)  ھەمراھسىز كىچىك بالا كۆچمەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى كۆچمەلەرنىڭ ئائىلە ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات سىستېمىسى (DIF) ئاستىدا قوغدىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كۆچمەنلەر بىلەن بىزگە تاشلىۋېتىلگەن يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى تېخىچە تېپىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر