تەيۋەندىكى مۇستەقىللىق قوللىغۇچىلىرىنىڭ رەھبىرى ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدۇ

خىتاي تەيۋەندىكى مۇستەقىللىق قوللىغۇچىلىرىنىڭ رەھبىرى لەي چىڭ تېنىڭ كېلەر ئاي ئامېرىكادا زىيارەتتە بولۇشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا.

2013130
تەيۋەندىكى مۇستەقىللىق قوللىغۇچىلىرىنىڭ رەھبىرى ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەننىڭ ھازىرقى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋە كەلگۈسى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نامزاتلىرىدىن بىرى بولغان لەي چىڭتېنىڭ كېلەر ئاي ئىشقا ئاشۇرۇشى پىلانلىنىۋاتقان ئامېرىكا زىيارىتى سەۋەبىدىن خىتاي ئامېرىكاغا نارازىلىق نوتاسى تاپشۇردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقانداق رەسمىي مۇناسىۋەتكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى ۋە مەزكۇر زىيارەت سەۋەبىدىن ئامېرىكاغا نارازىلىق نوتاسى تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ماۋ تەيۋەندىكى «بۆلگۈنچى رەھبەر نامزاتى» نىڭ پىلانلىق زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دۆلەتنىڭ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن قەتئىي ۋە كۈچلۈك تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ماۋ: «بىز تەيۋەندىكى مۇستەقىللىق قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھەر قانداق نام  بىلەن ۋە ھەر قانداق سەۋەب بىلەن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىشىنى ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ بۆلگۈنچىلەرگە ھەمدە ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە كۆز يۇمۇشىنى ۋە قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىنى رەت قىلىمىز» دېدى.

ئانالىزچىلار لەي چىڭ-تېنىڭ تەيۋەندە 1-ئايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئەڭ ياقتۇرىلىدىغان نامزاتلاردىن بىرى بولۇشى سەۋەبىدىن مەزكۇر ئامېرىكا ساياھىتىنىڭ «سىمۋوللۇق» ئالاھىدىككە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي ھەم تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننى، ھەم  مۇئاۋىن پىرېزىدېنت بولغان لەي چىڭ تېنى «بۆلگۈنچى» دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.

لەي چىڭ تېنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.  

تەيۋەننىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندېر تاھ راي بۇ ساياھەتنىڭ «ئۆتكەن يىللاردا جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكادا ئېلىپ بېرىلغان ساياھەتلەردىكىگە ئوخشاش پىلانلىنىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ ترانزىت (ئۆتكۈنچى) بېكەت بولىدىغانلىقىنى  بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر