سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب ئەزاسى 30 تېررورچى ئۆلتۈرۈلدى

سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا  بۇ تەشكىلاتنىڭ كەم دېگەندە 30 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.

2013531
سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب ئەزاسى 30 تېررورچى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى خەۋەر ئاگېنتلىقى (SONNA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا شابېل رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب ئەزالىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان.

ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا 30 دىن ئارتۇق ئەششەباب ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىنغان. شۇنداقلا بۇ تەشكىلاتقا ئائىت نۇرغۇن قورال - ياراغ ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلەر قولغا چۈشۈرۈلگەن.

سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شەيخ مەھمۇد تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى كەڭ دائىرىلىك كۈرەش قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر