گوللاندىيە تۈركىيەگە قارىتىلغان بىر قىسىم ئېكسپورت چەكلىمىلىرىنى  بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى

گوللاندىيە تۈركىيەگە قارىتىلغان بىر قىسىم مۇداپىئە سانائىتى ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2013112
گوللاندىيە تۈركىيەگە قارىتىلغان بىر قىسىم ئېكسپورت چەكلىمىلىرىنى  بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ئىقتىساد ۋە كىلىمات ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئېكسپورتىغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىش قارارى توغرىسىدا بىرلەشمە تېكىست ئېلان قىلدى.

بىرلەشمە تېكىستتە، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپادىكى مۇداپىئە ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ يېقىنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قورال ئېكسپورتىنى كونترول قىلىشقا ئالاقىدار يولغا قويغان تەدبىرلىرى چۈشەندۈرۈلدى.

تېكىستتە گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپادىكى مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، گوللاندىيەنىڭ بۇ لايىھەلەرگە قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ياۋروپادا ئادىل رىقابەتنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تېكىستتە، گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنىڭ ئاساسلىقى ئېكسپورتقا باغلىق ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، بۇ ساھەنىڭ سودا سوممىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ (%54) ئېكسپورتتىن كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، نۆۋەتتە تۈركىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولغان مۇداپىئە سانائىتى ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش قارارىنىڭ دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر