بۇركىنا فاسودا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
بۇركىنا فاسودا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 10 ئادەم قازا قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنا فاسو تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، نامەلۇم قوراللىق ئۇنسۇرلار بوكلې موخون رايونىنىڭ كوسسى ناھىيەسىگە ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇم نەتىجىسىدە 6 ئادەم قازا قىلغان، 4 ئادەم يارىلانغان.
شۇ كۈنى تېررورچىلارنىڭ پىل چىشى قىرغىقى چېگراسىدىكى توندۇرا يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدىمۇ 4 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە ماددى زىيان كۆرۈلگەن.
بۇركىنا فاسودا 2015-يىلى يۈز بەرگەن بىخەتەرلىك كرىزىسى نەتىجىسىدە 2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئۆي-ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان.
بۇركىنا فاسو ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ كىشىلەردىن پەقەت 120 مىڭ كىشىلا ئۆي – ماكانلىرىغا قايتالىغان.
بۇركىنا فاسو باش مىنىستىرى ئالپوللىنېيېر جوئاشىمسون كىيېلىم دې تامبىلا ماي ئېيىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇركىنا فاسو تېررىتورىيەسىنىڭ % 65 ىنىڭ دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.