ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئاشلىق كېلىشىمىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن رۇسىيەنىڭ قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنى بىكار قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

2012628
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئاشلىق كېلىشىمىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋون دېر لېيېن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي، قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنى بىكار قىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن.»

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلارنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئىلگىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن قۇرۇقلۇق يوللىرى ئارقىلىق ئۇكرائىنادىن داۋاملىق توشۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر