شىۋىتسىيەدە بىر مۇسۇلمان تەۋرات ۋە ئىنجىلنى كۆيدۈرۈشكە رۇخسەت ئېلىپمۇ كويدۇرمىدى

شىۋىتسىيەدە بىر مۇسۇلمان ساقچىىلاردىن ئىسرائىلىيەنىڭ ستوكھولمدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا تەۋرات ۋە ئىنجىلنى كۆيدۈرۈشكە رۇخسەت ئالغان تۇرۇغلۇق كويدۇرمىدى.

2011903
شىۋىتسىيەدە بىر مۇسۇلمان تەۋرات ۋە ئىنجىلنى كۆيدۈرۈشكە رۇخسەت ئېلىپمۇ كويدۇرمىدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: شىۋىتسىيە ساقچىلىرىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ ستوكھولمدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا تەۋرات ۋە ئىنجىلنى كۆيدۈرۈشكە رۇخسەت ئالغان سۈرىيەلىك مۇسۇلمان ئەھمەت ئاللۇش شىۋىتسىيەدىكى قۇرئاننى كۆيدۈرۈش ئىغۋاگەرچىلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش سۈپىتىدە مەزكۇر مۇقەددەس كىتابلارنى كۆيدۈرمىدى.

پائالىيەتنى قىلىش ئۈچۈن ئەلچىخانىغا بارغان ئاللوش، ھېچقانداق مۇقەددەس كىتابنىڭ كۆيدۈرۈلمەسلىكى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن  شۇنداق رۇخسەت ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەھمەت ئاللۇش: «مەن بىر مۇسۇلمان، مۇقەددەس ۋە دىنىي كىتابلارنى ھەرگىز كۆيدۈرەلمەيمەن» دېدى.

ئەھمەت ئاللۇش شىۋىتسىيەدە ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا قۇرئانى كەرىمنى كۆيدۈرۈش ئىغۋاگەرچىلىكى يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ،  «پىكىر ئەركىنلىكى بىلەن باشقا مىللەتلەرنى ھاقارەتلەشنىڭ پەرقى بار. قۇرئانى كەرىم ۋە باشقا دىنىي كىتابلارنى كۆيدۈرۈش نەپرەت جىنايىتى بولۇشى لازىم. مەن بۇنىڭغا دىققەتلەرنى تارتىش ئۈچۈن ساقچىلاردىن تەۋرات ۋە ئىنجىلنى كۆيدۈرۈشىگە رۇخسەت ئالدىم. ئەمما ئەلۋەتتە مېنىڭ دىنىي كىتابنى كۆيدۈرۈش مەقسىتىم يوق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر