ياۋروپا ئىتتىپاقى: مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى كۈرەش پىلانىمىز بار

ياۋروپا ئىتتىپاقى سۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك ۋە  ئايرىمچىلىق قىلىشقا قارشى كۈرەش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مارىيون لالىسسې ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى كۈرەشتە كونكرېت پىلانى بارلىقىنى ئېيتتى.

2011256
ياۋروپا ئىتتىپاقى: مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى كۈرەش پىلانىمىز بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى سۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك ۋە ئايرىمچىلىق قىلىشقا قارشى كۈرەش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى لالىسسې بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ياۋروپادىكى مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ كۆپ خىل مىللەتلەردىن تەشكىل تاپقان  ئاز سانلىق جامائەت ئىكەنلىكىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردە، سانى، مىللىتى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەمما، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى جەمئىيىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر. بۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

ئۇ شىۋېتسىيەىدە قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشىنىڭ سادىر قىلىنغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەشتە كونكرېت پىلانىنىڭ بار – يوقلۇقىدا دائىر سولغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۆچمەنلىككە قارشى كۈرەشتە كونكرېت پىلانلىرىمىز بار.»

لالىسسې مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۆچمەنلىك قىلمىشىغا قارشى كۈرەش سىياسەتلىرىنى ئوخشىمىغان ساھەلەردە، جۈملىدىن مائارىپ، بىخەتەرلىك، كۆچمەنلەر ۋە باشقا نۇرغۇن خىزمەت ساھەلىرىدە مۇھىم خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەرقايسى ئورگانلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ھەرقايسى جەمئىيەتلەر، پۇقرالار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن بولغان دىيالوگنى داۋاملاشتۇرىمىز. پاكىتنى ئاساس قىلغان سىياسەتنى يولغا قويۇپ، پۇقرالار ۋە ھەرقايسى ئورگانلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۆچمەنلىك قىلىش قىلمىشىغا قارىتا تونۇشىنى ئۆستۈرىمىز.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى مارىيون لالىسسېنى ئۇدا 18 ئاي بوش قالغان مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك  ۋە ئايرىمچىلىق قىلىشقا قارشى كۈرەش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇللۇقىغا تەيىنلىگەنىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك قىلمىشى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن بىر پەيتتە، بۇ ئورۇننى بوش قالدۇرغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدكە ئۇچرىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر