گۇاڭدوڭدا پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەردى
خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدىكى بىر يەسلىدە پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەردى.
2009036
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدىكى بىر يەسلىدە پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، ئۈچ كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
ب ب س (BBC) نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، مەزكۇر ھۇجۇمدا بىر كىشى يارىلانغان.
خىتاي ساقچىلىرى 25 ياشلىق ھۇجۇمچىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ۋە ھۇجۇم سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.