ئامېرىكا: ئىران ئىككى ماي پاراخوتىنى تۇتۇپ قېلىشقا ئۇرۇندى

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇممان قولتۇقىدىكى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۆتكەن ئىككى ماي پاراخوتىنى تۇتۇپ قېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

2007908
ئامېرىكا: ئىران ئىككى ماي پاراخوتىنى تۇتۇپ قېلىشقا ئۇرۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق تۇتۇپ قېلىش تەشەببۇسى جەريانىدا ئىككى ماي پاراخوتىغا ئوق چىقارغانلىقىنى، ھەر ئىككى ۋەقەنىڭ ئىران بىلەن ئۇممان ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىران دېڭىز ئارمىيەسىگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، ماي پاراخوتلىرىنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىران تەرەپ بولسا بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر