مېكسىكادا ئاپتوبۇس يارغا چۈشۈپ كېتىپ 25 ئادەم ئۆلدى

مېكسىكانىڭ ئوكساسكا شەھىرىدە بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى تىك يارغا چۈشۈپ كېتىپ 25 ئادەم قازا قىلدى، 17 ئادەم يارىلاندى.

2007734
مېكسىكادا ئاپتوبۇس يارغا چۈشۈپ كېتىپ 25 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پايتەخت مېكسىكا شەھىرىدىن ئوكساسكا شەھىرىگە قاراپ كېتىۋاتقان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى پېناسكو يېزىسىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى 10 مېتىرلىق تىك يارغا چۈشۈپ كەتكەن.

قازادا 25 ئادەم قازا قىلغان، بەزىلىرى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 17 ئادەم يارىلانغان.

ۋەقەدىن كېيىن رايونغا كۆپ ساندا قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئەۋەتىلگەن، يارىدارلار ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ۋەقەدىن كېيىن، قازانىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈش باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر