يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى  خۇسىيلارنىڭ زۈلۈملىرى بىر - بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى  خۇسىيلار تەرىپىدىن 13 يىل ئىلگىرى تۇتۇپ كېتىلگەن 16 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

2006517
يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى  خۇسىيلارنىڭ زۈلۈملىرى بىر - بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك تورى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، قانچىلىغان يىللار ئىلگىرى خۇسىي قوراللىق ئۇنسۇرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرىنىڭ يەمەننىڭ شىمالىدىكى ئامرام شەھىرىدە تېپىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، رايون خەلقىنىڭ شەھەرگە قاراشلىق خارف سۇفيان رايونىدا ئېغىزى تاش ۋە لاي بىلەن تاقىۋىتىلگەن بىر ئۆڭكۈردە قوللىرى باغلانغان ئىسكىلىتلارنى ئۇچراتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خۇسىي قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ مەزكۇر 16 كىشىنى 2010-يىلى تۇتقۇن قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، خۇسىيلارغا تەۋە تۈرمىلەردە مەجبۇرىي غايىب قىلىنغان ئونلارچە كىشى بارلىقى ۋە خۇسىيلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ چاقىرىقلىرىغا پىسەنت قىلماستىن، ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

خۇسىيلار بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر