يالېن خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يالېن (Janet Yellen) خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ.

2006190
يالېن خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر جانېت يالېننىڭ 6-9-ئىيۇن كۈنلىرى بېيجىڭدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، جانېت يالېننىڭ خىتاي مەسئۇللىرى بىلەن «دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش، كۆڭۈل بۆلىدىغان ساھەلەردە بىۋاسىتە ئالاقە ئورنىتىش ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسلارنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ مۇھىملىقى» ئۈستىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، خىتاي بىلەن ئۆزئارا پايدا يەتكۈزىدىغان ئىقتىسادىي ئېشىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان، ئامېرىكا ئىشچىلىرى ۋە شىركەتلىرى ئۈچۈن ئىقتىسادىي پۇرسەتلەرنى يارىتىدىغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە قەرز قىيىنچىلىقى قاتارلىق يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر