ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ناتو كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى يېڭى قارار چىقاردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ناتو، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ يەر شارى خەۋپسىزلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىگە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش ئۈچۈن كۆرسىتىلىدىغان تىرىشچانلىقلارنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش توغرىسىدا قارار چىقاردى.

2002940
ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ناتو كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى يېڭى قارار چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ئامېرىكانىڭ كىلىمات ئالاھىدە ۋەكىلى جون كېررى، ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فرانس تىممېرمانس كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تىنچلىققا، خەۋپسىزلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۇچرىشىپ، ئورتاق يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، تەرەپلەر كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ دۇنيا ئۈچۈن ھايات-ماماتلىق تەھدىت بولۇپ، خەۋپسىزلىككە ۋە مۇداپىئەگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بۇ مەقسەتتە، ناتو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ خەۋپسىزلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرۇش، تەسىرلەرگە ۋە خەۋپسىزلىككە مەركەزلەشكەن دىيالوگ ئۈچۈن ئېھتىماللىقلارنى تەتقىق قىلىشنى قارار قىلغان.

تەرەپلەر، كېلەر ئايدا (ئىيۇل) لىتۋانىيەنىڭ پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدا كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ بىخەتەرلىك يۆنىلىشلىرى، ئېنېرگىيەنىڭ ئۈنۈمى، ھەربىي پائالىيەتلەر ھەمدە ئەسلىھەلەردىن قويۇپ بېرىلگەن پارنىك گازى نىسبەتلىرىنى ئۆلچەش، ئازايتىش قاتارلىق مەشغۇلات ئۇچۇرلىرىدىكى ھەمكارلىق پۇرسىتىنى ئېنىقلاشقا قوشۇلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ناتو مەزكۇر مەسىلىلەر توغرىسىدا داۋاملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر