رۇسىيە قازاقىستاننىڭ ئاستانە سۆھبەتلىرى قارارىنىڭ «ئويلىمىغان يەردىن چىققان»لىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ سۈرىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندىر لاۋرېنتىيېۋ قازاقىستاننىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئاستانە سۆھبەتلىرى توغرىسىدىكى قارارىنىڭ ئويلىمىغان يەردىن چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

2002842
رۇسىيە قازاقىستاننىڭ ئاستانە سۆھبەتلىرى قارارىنىڭ «ئويلىمىغان يەردىن چىققان»لىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ئاستانە يىغىنىدا (سۈرىيەگە) قوشنا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىدى.

قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە 20 - نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن «سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئاستانە سۆھبەتلىرى»نىڭ بىرلەشمە باياناتى ئېلان قىلىندى.

تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى (پ ك ك / ي پ نىڭ) قانۇنسىز ھاكىمىيەت تىكلەش ئۇرۇنۇشلىرىنى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى.

ئاستانە يىغىنىنىڭ تۈركىيە - سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا، يول خەرىتىسى تەييارلاش يولىدىكى ئىلگىرىلەشلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ: «(ئاستانەدە) تەرەپلەر سۈرىيەلىكلەرنىڭ بىخەتەر، ئىختىيارى ۋە ئىززەت - ئابرۇيى ساقلانغان ھالدا يۇرتلىرىغا قايتىپ كېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سۈرىيە ئىچىدە زۆرۈر شەرت – شارائىت يارىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ سۈرىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندىر لاۋرېنتىيېۋ ئاستانە فورماتىنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى، سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ئورۇن ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لاۋرېنتىيېۋ سۈرىيە مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان ئاستانە سۆھبەتلىرىنىڭ چوڭ يىغىلىشىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ بايانات بەردى؛ ئۇ قازاقىستاننىڭ سۈرىيە مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئاستانە سۆھبەتلىرى توغرىسىدىكى قارارىنىڭ ئويلىمىغان يەردىن چىققانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، ئاستانە فورماتى ئەزالىرىنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى، پەقەت كېلەر قېتىملىق سۆھبەت ئۈچۈن يېڭى ئورۇن ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

قازاقىستان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قانات تومىش بۈگۈن كېپىل دۆلەتلەر — تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىرانغا 20- نۆۋەتلىك ئاستانە سۆھبىتىنىڭ ئاستانە سۆھبەت مۇساپىسىنىڭ ئاخىرقى يىغىنى ئىكەنلىكىنى رەسمىي ئېلان قىلىشنى تەكلىپ قىلغانىدى.

تۇمش 2017- يىلى 1- ئايدا باشلانغان 20 قېتىملىق ئاستانە سۆھبىتىنىڭ 18 ىنىڭ قازاقىستان پايتەختى ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلىپ: «قازاقىستاندىكى سۆھبەت سۈرىيەدە جىددىيچىلىكنى پەسكۇيغا چۈشۈرۈش رايونى تەسىس قىلىپ، توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى قان تۆكۈلۈشنى توختىتىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. شۇنداق قىلىپ، ئەڭ باشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىگە يەتكەن بولدى» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر