تەيۋەندە بىر يەسلىدە ئوقۇغۇچىلارنى دورا ئارقىلىق جىمغۇرلاشتۇرۇش سەتچىلىكى يۈز بەردى

تەيۋەننىڭ يېڭى تەيبېي شەھىرىدىكى بىر يەسلىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە قاتارلىق دۆرىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆتەل شەربىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى جىمىغۇرلاشتۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى.

2001953
تەيۋەندە بىر يەسلىدە ئوقۇغۇچىلارنى دورا ئارقىلىق جىمغۇرلاشتۇرۇش سەتچىلىكى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەندە بىر نەچچە ھەپتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ساقچىلارنىڭ يەسلى بالىلىرىغا نېمە ئۈچۈن خۇمار قىلىدىغان بۇ خىل شەربەتلەرنىڭ بېرىلىگەنلىكىنىڭ ئېنىقلانمىغانلىقىنى ئېيتتى.

تەيۋەندە بۇ سەتچىلىك ئائىلەرنىڭ ھۆكۈمەت بىنالىرىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

يەكشەنبە كۈنى (18-ئىيۇن) يۈزلىگەن كىشى يېڭى تەيبېي شەھىرىدە نامايىش قىلىپ، ساقچىلارنى تەكشۈرۈشلىرىدە تېخىمۇ بەك ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا چاقىردى.

تەيۋەننىڭ قارشى تەرىپىدىكى كاۋسيوڭ شەھىرىدە بىر  تىببىي تەكشۈرۈش مەركىزىگە چېتىشلىق يەنە بىر دېلومۇ ئوتتۇرىغا چىقتى.

كاۋسيوڭ شەھىرىدە يەرلىك سەھىيە تارماقلىرى تۆت دوختۇرنى 20 دەك كىچىك بالىنى سۈيىئىستېمال قىلىش ۋە نامۇۋاپىق <فېنوباربىتال> ئىشلىتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىدى.

تىببىي تەكشۈرۈش مەركىزى ئالتە ئايلىق ئىشتىن توختىتىلدى ۋە 1 مىليون 400 مىڭ تەيۋەن دوللىرى جەرىمانە قويۇلدى.

خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئەندىشىسىگە قارىتا تەيبېي شەھەرلىك دوختۇرخانىسى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنى جىمغۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دورا ئىشلىتىلگەن ياكى ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى ئېىقلاش مەقسىتىدە ھەقسىز قان تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى باشلىدى.

بەش ياشلىق بىر بالىنىڭ دادىسى مايك فېۋرالدىكى قەمەرىيە يېڭى يىل دەم ئېلىش مەزگىلىدە پەرزەنتلىرىدە چۈشكۈنلىشىش ئالامەتلىرىنى بايقىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «تەتىلدە بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۇخلىغاندا ئاچچىقلانغانلىقىنى، بىئارام بولغانلىقلىرىنى ۋە ۋاقىرىغانلىقىنى، ھەتتا پۇتىنىڭ پىيى تارتىشىپ يىغلىغانلىقلىرىنى كۆردى» دېدى.

تەركىبىدە فېنوباربىتال بار بولغان دورىلار كۆپىنچە تۇتقاقلىق كېسىلىنى داۋالاشتا ۋە ياكى ئوپېراتسىيەدە ناركوز دورىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنى تېپىشمۇ ئاسان ئەمەس.

<بېنزودىئازېپىن> بولسا، ئادەتتە ئېغىر تەشۋىشنى داۋالاشتا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان چۈشكۈنلۈك دورىسى تۈرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر