گىرېتسىيەدىكى كېمە قازاسىدا قازا قىلغانلار سانى 81 گە يەتتى

14 - ئىيۇن دېڭىزنىڭ گىرېتسىيەگە يېقىن يېرىدە يۈز بەرگەن كۆچمەن كېمىسى پاجىئەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 81 گە يەتتى.

2001823
گىرېتسىيەدىكى كېمە قازاسىدا قازا قىلغانلار سانى 81 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە دائىرىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، قازا يۈز بەرگەن جايدىن تېپىلغان يەنە ئۈچ كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تېببىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كالاماتا پورتىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ باياناتىدا، كۆچمەن كېمىسى قازاسىدىن كېيىنكى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، تۈنۈگۈن تېپىلغان ئۈچ كىشىنىڭ جەسىتى قوشۇلۇپ، قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 81 گە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

BBC نىڭ يەرشارىۋى پاراخوتلارنى ئىز قوغلاپ ئۇچۇر توپلاش تورى — MarineTraffic نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن ئىلگىرى سۈرگەن «كېمىنىڭ تەخمەن يەتتە سائەت بوىچە دېڭىزدا ھەرىكەتسىز ھالەتتە كۈتۈپ تۇرغانلىقى» توغرىسىدىكى دەۋاسى، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى تەرىپىدىن رەت قىلىندى.

گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى بايانات ئېلان قىلىپ، كېمىنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى ئىككى ماي پاراخوتىدىن سۇ ۋە يېمەكلىك تولۇقلىۋېلىش ئۈچۈن جەمئىي تۆت يېرىم سائەت توختىغانلىقىنى، لازىمەتلىكلىرىنى تولۇقلىۋالغاندىن كېيىن، تۆۋەن سۈرئەتتە يەنە ئالتە دېڭىز دېڭىز مىلى ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، كېمىنىڭ گىرېتسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن بايقالغاندىن كېيىن جەمئىي 30 دېڭىز مىلى ماڭغانلىقى قەيت قىلىندى.

گىرېتسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ كېمە قازاسىدىن قۇتۇلۇپ قالغان تەرتىپسىز كۆچمەنلەر بىلەن كېمىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقانلارنىڭ باياناتلىرىغا ئاساسلانغان خەۋەرلىرىدە، كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشتىن بۇرۇن سۇ ۋە يېمەكلىك كەمچىلىكى مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكى، كۆچمەنلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ بۇ سەۋەبتىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

گىرېتسىيەنىڭ «ئېفىمېرىدا تون سىنتاكتون» گېزىتى قازا يۈز بەرگەن جايغا يېقىن يەردىن ئۆتكەن «Faithful Warrior» ناملىق ماي پاراخوتىنىڭ كاپىتانىنىڭ سۆزلىرىگە ئورۇن بەرگەن خەۋىرىدە،  كېمىنىڭ گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن يىراقلاشتۇرۇلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

گىرېتسىيە ئىزدەش- قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك باسقان كېمىنىڭ خەتەرلىك ھالەتتە تەۋرەۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان خەۋەردە، دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ماي پاراخوتىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ياردەملىشىش ئۈچۈن ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا چاقىرىشنىڭ ئورنىغا نېمىشقا نەق مەيداندىن يىراقلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەنىدى.

ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى «سىگنال تېلېفونى» ناملىق ئورگان، كېمىدە تەخمىنەن 700 ئادەم بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر