ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 4 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى جېنىن شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 4 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى ۋە 42 ئادەمنى يارىلاندۇردى.

2001510
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 4 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئونلارچە بىرونېۋىك بىلەن جېنىنغا بېسىپ كىرگەن.

ھۇجۇم جەريانىدا ئىسرائىلىيە مەرگەنلىرىمۇ بەزى ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن پەلەستىن ئاھالىلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پەلەستىنلىك ياشلارغا ئوق چىقىرىش، گاز ۋە ئاۋاز بومبىلىرى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلغان.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ جېنىندا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى داۋامىدا 4 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەن، 42 پەلەستىنلىك يارىلانغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، يارىدارلاردىن بەشىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، توقۇنۇشلاردا 7  ئىسرائىلىيە ئەسكىرىمۇ يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر