شى: بلىنكېننىڭ زىيارىتىدە نۇرغۇن مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن خىتاي زىيارىتى دائىرىسىدە، شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى.

2001601
شى: بلىنكېننىڭ زىيارىتىدە نۇرغۇن مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ زىيارىتىدە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بىر قاتار مەسىلىلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى ۋە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شى جىنپىڭ-بلىنكېن كۆرۈشۈشىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا، «خىتاي مەيدانىنى ئېلان قىلدى، ھەر ئىككى تەرەپ شى جىنپىڭنىڭ پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن 2022-يىلى بالىدا ئۆتكۈزۈلگەن G20 باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلغان پىكىر بىرلىكىنى ئىجرا قىلىشنى قوبۇل قىلدى» دېيىلدى.

ئىككى كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن خىتاي پايتەختى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن بلىنكېن، 2021-يىلى پىرېزىدېنت جو بايدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان خىتاينى زىيارەت قىلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكالىق ئەمەلدار بولۇپ قالدى.

ئۇ تۈنۈگۈن (18-ئىيۇن) خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا تەيۋەن مەسىلىسىدىن تارتىپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي جىددىيلىككىچە، ئىقتىسادىي ۋە تېخنولوگىيەلىك رىقابەتتىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەردە  مەسىلە كۆرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر