مېكسىكادا بىر توپ قانۇنسىز كۆچمەنلەر قولغا چۈشۈرۈلدى

مېكسىكانىڭ ۋېراكرۇز ئىشتاتىدا ئادەم ئەتكەسچىلىكى تەرىپىدىن ئالدام خالتىغا چۈشۈرۈلۈپ يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن توشۇلغان 129 كۆچمەن بايقالدى.

2001290
مېكسىكادا بىر توپ قانۇنسىز كۆچمەنلەر قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، سان ئىسىدرو بازىرىدا قەرەللىك چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار بىر يۈك ماشىنىسىدا قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى بايقىغان.

گۋاتېمالا، ھوندۇراس، سالۋادور ۋە ھىندىستاندىن كەلگەنلىكى ئېنىقلانغان 129 قانۇنسىز كۆچمەن بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ نازارىتى ئاستىغا ئېلىنغان.

ئىگىلىنىشچە، كۆچمەنلەرنىڭ ئىچىدە قارانچۇقى بولمىغان 19 بالا بار بولۇپ، ئۇلار دۆلەت بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى قوغداش تەپتىش مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

ساقچىلار، ئادەم ئەتكەسچىلىرى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۆت گۇماندارنى قولغا ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر