فىلىپپىن يانار تاغ ئەتراپىدىكى ئاھالىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

فىلىپپىن پايتەختى مانىلانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان لۇزون ئارىلىدىكى مايون يانار تېغىدىن ئېقىپ چۈشۈۋاتقان ۋولقان سەۋەبىدىن يېقىنقى ئۈچ كۈندە يەنە ئالتە مىڭ ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلدى.

2000896
فىلىپپىن يانار تاغ ئەتراپىدىكى ئاھالىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن خەۋەر ئاگېنتلىقى ئالباي ئۆلكىسى ۋالىيسى ئېدسېل گرېكىس لاگماننىڭ ھازىرغا قەدەر جەمئىي 19 مىڭ 79 كىشىنىڭ بىخەتەر رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 6000 كىشىنىڭ يېقىنقى ئۈچ كۈندە تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

دائىرىلەر يانار تاغ ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا چېدىر، يېمەكلىك ۋە ئاساسلىق تەمىنات ياردىمى بەردى.

ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان كىشىلەرنىڭ ئالباي ئۆلكىسىدە تەسىس قىلىنغان 22 تارقاقلاشتۇرۇش مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر