ب د ت: كۆچمەن كېمىسى قازاسىدا 78 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 500 گە يېقىن ئادەم يوقاپ كەتتى

ۋولكەر تۈرك گىرېتسىيەنىڭ مورا يېرىم ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنى ئېلىپ ماڭغان بېلىقچى كېمىسىنىڭ غەرق بولۇپ كېتىش ۋقەسىدە 78 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2000845
ب د ت: كۆچمەن كېمىسى قازاسىدا 78 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 500 گە يېقىن ئادەم يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكەر تۈرك يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مورا يېرىم ئارىلىدا «دەھشەتلىك پاجىئە» يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ باياناتىدا كېمە قازاسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان 78 تەرتىپسىز كۆچمەننىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ: «ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 دەك ئادەم يوقاپ كەتتى. ھايات قالغانلار ۋە ئاپەتتە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

ئۇ بۇ ۋەقەنى چۆرىدىگەن ھالدا ئەتكەسچىلەر ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارنى قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ۋولكەر تۈرك ھەر قايسى دۆلەتلەرنى تەرتىپلىك كۆچۈش قاناللىرىنى ئېچىش ۋە مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشقا چاقىرىپ، دېڭىزلاردىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان بارلىق كىشىلەرنىڭ بىخەتەر ھالەتتە ۋاقتىدا قۇرۇقلۇققا چىقىرىلىشى توغرىسىدا قانۇنلارنىڭ چىقىرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

14 – ئىيۇن (2023) گىرېتسىيەنىڭ مورا يېرىم ئارىلىدىكى ناۋارىنونىڭ 47 دېڭىز مىلى يىراقلىقىدىكى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە، تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنى ئېلىپ ماڭغان بىر بېلىقچى كېمىسى غەرق بولۇپ كېتىپ، 78 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 104 ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىنىپ، كالاماتا پورتىغا ئېلىپ بېرىلغانىدى.

گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى قۇتقۇزۇۋېلىنغان كۆچمەنلەرنىڭ 47 نەپىرىنىڭ سۈرىيەلىك، 43 نەپىرىنىڭ مىسىرلىق، 12 نەپىرىنىڭ پاكىستانلىق ۋە ئىككى نەپىرىنىڭ پەلەستىنلىك ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىىدى.

ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى «ئالارم فۇن (سىگنال تېلېفونى)»  ئورگىنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاغا يولۇققان كېمىدە تەخمىنەن 700 ئادەم بار ئىكەن.

ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر