سۇداننىڭ غەربىي دارفۇر ۋالىيسى ئۆلتۈرۈلدى

سۇداننىڭ چاد چېگراسىدىكى غەربىي دارفۇر ئىشتاتىنىڭ ۋالىيسى خامىس ئابدۇللاھ ئاببەكىر ئۆلتۈرۈلدى.

2000105
سۇداننىڭ غەربىي دارفۇر ۋالىيسى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  سۇداننىڭ چاد چېگراسىدىكى غەربىي دارفۇر ئىشتاتىنىڭ ۋالىيسى خامىس ئابدۇللاھ ئاببەكىر قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى.

سۇدان ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، تېز ياردەم قىلىش قوراللىق كۈچلىرىنى ئەيىبلىدى.

باياناتتا،«سۇدان ئارمىيەسى غەربىي دارفۇر ۋالىيسى خامىس ئاببەكىرنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن تېز ياردەم قىلىش قوراللىق كۈچلىرىنىڭ خائىنلارچە ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. تېز ياردەم قىلىش قوراللىق كۈچلىرى بۇ ھەرىكىتى بىلەن ياۋايىلىق كەچمىشىگە يېڭى بىر بەتنى قوشقان بولدى. تېز ياردەم قىلىش كۈچلىرىنىڭ سۇدان خەلقىگە قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى، ھېچقاچان دۆلەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىدى» دېيىلدى.

غەربىي دارفۇر ۋالىيسى خامىس ئابدۇللاھ ئاببەكىر 2000-يىلى ئىمزالانغان جۇبا تىنچلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىغان رەھبەرلەردىن بىرى ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر