شىمالىي كورېيە جەنۇبىي كورېيەلىك ئابونتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنماقتا

شىمالىي كورېيە جەنۇبىي كورېيەلىك ئابونتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئوغرىلاش ئۈچۈن، جەنۇبىي كورېيەدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئىزدەش موتورى ۋە ئىنتېرنېت سۇپىسى بولغان «Naver» نىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى (ساختىسىنى) ياساپ چىقتى.

2000011
شىمالىي كورېيە جەنۇبىي كورېيەلىك ئابونتلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئوغرىلاشقا ئۇرۇنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي كورېيە ئىستىخبارات ئىدارىسى (NIS) شىمالىي كورېيەنىڭ «Naver» غا ئوخشاش ئىزدەش موتورى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

جەنۇبىي كورېيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ ئىزدەش موتورى ئارقىلىق جەنۇبىي كورېيە ئابونتلىرىنىڭ مەخپىي نومۇرى ۋە ئادرېس ئىسىملىرىنى ئوغرىلاپ، شەخسىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.  

شىمالىي كورېيەنىڭ تور ئالدامچىلىقى قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن جەنۇبىي كورېيە ئىستىخبارات ئىدارىسى «Naver» نىڭ باش بېتىنىڭ خەۋەر بۆلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق بۆلەكلىرىنىڭ تەڭ كۆچۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيە ئىستىخبارات ئىدارىسى تور بېكەتلەرگە كىرگەندە تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ساختا ئىكەنلىكى بايقالسا، دەرھال تور بېكەت بىلەن بولغان ئۇلىنىشنى ئۈزۈپ تاشلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى.

جەنۇبىي كورېيەدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان تور بېكەتلەرنىڭ بىرى بولغان «Naver» سۇپىسى، خەرىتە، توردا پۇل تۆلەش سىستېمىسى، بلوگ ۋە سۆھبەتلىشىش تورى قاتارلىق ھەر خىل ساھەلەردە مۇلازىمەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر