بوسنىيەدىكى بەزى مەسچىت ۋە بوشناقلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ھۇجۇملارغا ئۇچراۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى
بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنانىڭ كاپلجىنا شەھىرىگە قاراشلىق سۇرمانچىدىكى مەسچىت ۋە بوسنىيەلىكلەر تۇرىدىغان ئۆيلەر يېقىنقى كۈنلەردە كۆپ قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاپلجىنا ئىسلام كېڭىشى باش ئىمامى ئادام سۇتا يېقىنقى كۈنلەردە سۇرمانچىدا نۇرغۇن قەبىھ ھۇجۇملارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ: «ئالدى بىلەن، مەسچىت دېرىزىسىنىڭ ئەينەكلىرى چېقىۋېتىلدى، ئاندىن مەسچىتنىڭ دېرىزە ۋە ئىشىكىگە يەل مىلتىقى بىلەن ئوق ئېتىلدى» دېدى.
ھۇجۇمچىلارنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن سۇتا: «ئەڭ يامىنى، مېيىت نامىزى جەريانىدا مېيىت قويۇلغان يەرگە ئۆلۈك كەسلەنچۈك ئېتىلدى. ئۇلار بوسنىيەلىكلەرگە بىر خىل ئۇچۇر بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ» دېدى.
ئۇ بوسنىيەلىكلەر تۇرغان ئۆيلەرنىڭ دېرىزە ئەينەكلىرىنىڭمۇ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئىبادەت ئورۇنلىرى ۋە ئۆيلەرگە قارىتىلغان بۇ ھۇجۇملار بىزنىڭ ئېتىقادىمىز ۋە مىللىي كىملىكىمىزگە قارشى سادىر قىلىندى. ساقچىلار بۇ جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.