سۇداندىكى ئىچكى توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا

سۇداندا ئارمىيە تەرەپ بىلەن تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا پايتەخت خارتۇمنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.

1999573
سۇداندىكى ئىچكى توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى باشلانغان ئىچكى توقۇنۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش تەھدىتىگە قارىماي ئۇدا 59 كۈندىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.

ئارمىيە بىلەن تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى پايتەخت خارتۇمنىڭ شىمالىدىكى بەھرى رايونى ۋە جەنۇبتىكى بەزى رايونلاردا يېنىك ۋە ئېغىر تىپلىق قورال - ياراغلار بىلەن توقۇنۇشتى.

رايون ئاھالىلىرى زەمبىرەك، پارتىلاش ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغانلىقلىرىنى، ھەممە ياقنى ئىس-تۈتەك قاپلاپ كەتكەنلىكىنى، شەھەر ئاسمىنىدا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۇدان ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پايتەخت خارتۇم ئەتراپىدىكى بىر قىسىم مەھەللە ۋە ئاساسلىق كوچىلارغا ئورۇنلاشقان تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا ئىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان سۇدان كرىزىسىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئىشقا كىرىشتۈرگەن سۆھبەت نەتىجە بەرمىگەن، ئۇرۇش توختىتىش قارارلىرىغا كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر